ئابلاجان-ئۇيغۇر
ھەبىبۇللا رەجەپ
بىر موماي ھەر كۈنى سەھەردە يولنىڭ بويىدا تۇرۇپ، ئوغلىنىڭ ماشىنا بىلەن ئالغىلى كېلىشىنى كۈتىدىكەن. بۇ چاغدا مەكتەپكە ماڭغان بىر بالا موماينى يولدىن ئۆتەلمەيۋاتقان ئوخشايدۇ، دەپ ئويلاپ، ئۇنى يېتىلەپ، قارشى تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ قويىدىكەن. بۇ ئىش بىر مەزگىلگىچە داۋاملىشىپتۇ. بالا كېيىن، موماينىڭ ئوغلىنى ساقلاپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلىپتۇ. موماي پەقەت بالىنىڭ ياخشى كۆڭلى ئۈچۈنلا ئۇنىڭغا ماسلىشىدىكەن. بالا كەتكەندىن كېيىن، موماي ئاستا مېڭىپ ئەسلىدىكى ئورنىغا قايتىپ كېلىدىكەن.
تۇرمۇشتا مۇشۇنىڭغا ئوخشايدىغان ئەھۋاللارنى ئۇچرىتىپ تۇرىمىز. بىر دوستۇمنىڭ ئاتىسى قازا قىلىپ، مىيىت نامىزىغا بېرىش ئۈچۈن بىر تاكسىغا ئولتۇرغان ئىدىم. دوستۇمنىڭ ئۆيىگە يېتىپ بارغاندىن كېيىن، ماشىنىدىن چۈشۈشىمگە شوپۇر: «قايتىپ كېتەمسىز؟» دەپ سوراپ قالدى. بىردىنلا ئاھھىقىم كېلىپ، شوپۇرغا «قايتىپ كەيمەي، مەنمۇ بۇ يەردە گۆرگە كىرىپ كېتىمەنمۇ؟» دېمەكچى بولدۇم. بىراق، يەنە ئۆزۈمنى تۇتۇۋېلىپ، شوپۇر ياخشى كۆڭلى بىلەن قايتىپ كەتسىڭىز ئالغاچ كېتەي دېگەن بولسىچۇ؟ دەپ ئويلاپ، «قايتىپ كېتىمەن» دېدىم. شوپۇر: «ئۇنداق بولسا ساقلاپ سىزنى ئالغاچ كېتەي» دېدى. شۇ چاغدىلا شوپۇرغا قوپاللىق قىلمىغىنىمنىڭ توغرىلىقىنى ھېس قىلدىم. بەزىدە ياخشى نىيەت بىلەن قىلىنغان سۆز ياكى ھەرىكەت تۈپەيلىدىن قارشى تەرەپنى رەنجىتىپ قويىدىغان ياكى ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالىدىغان ئىشلار يۈز بېرىپ تۇرىدۇ. ئەگەر موماي ياخشى پەزىلەت بىلەن يېتىلىۋاتقان بالىنىڭ كۆڭلىنى قايتۇرۇپ: «مېنى ئاۋارە قىلما، مەن ئوغلۇمنى ساقلاۋاتىمەن» دېگەن بولسا، بالا ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالاتتى. موماي بالىنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئىشلارنى قىلىشى ئۈچۈن، ئۆزى ئازراق ئاۋارچىلىق تارتقان بولسىمۇ، بالىنىڭ ياخشى ئىش قىلىشىغا ماسلىشىپ بەرگەن. شوپۇرغا قوپاللىق قىلغان بولسام، شوپۇرمۇ ئوسال ئەھۋالغا چۈشۈپ قالاتتى. ياخشى كۆڭۈلنى چۈشىنىش ئۈچۈن، ئىش - ھەرىكەت ۋە گەپ - سۆزنىڭ توغرا ئىپادىلەنمىگەنلىكىگە قارىماي، شۇ ۋاقىتتىكى كەيپىياتقا دىققەت قىلىشى ناھايىتى مۇھىم. گەپ - سۆزنىڭ قوپال بولسىمۇ، كۆڭۈلدىن قوياش كەبى نۇر - ئىللىقلىق بالقىپ تۇرسىلا، ئادەم بىلەن ئادەم ئوتتۇرىسىدا مۇھەببەت تۇغۇلىدۇ. ئەنە شۇ مۇھەببەت تۇرمۇشنى خاتىرجەم گۈزەل ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ئاساس سالىدۇ.
گۈلپىيە ئابلىز
‹‹سۆزدە بىر مەنا بولسا، سۈكۈتتە مىڭ مەنا باردۇر›› بۇ مەن ياخشى كۆرىدىغان ھېكمەتلىك سۆز. بۇ سۆزنىڭ مەنىسىنى گەرچە كېچىكىپرەك چۈشەنگەن بولساممۇ، شۇنىڭدىن بۇيان مەيلى خىزمەت، ئۆگىنىش ياكى تۇرمۇشتا بولسۇن، قانداقلا ئىشقا يولۇقماي ئالدى بىلەن سۈكۈت قىلىشنى، كەمتەررەك بولۇشنى، باشقىلارغا يول قويۇشنى ئۆگەندىم.
ئەتراپىمىزغا قارايدىغان بولساق دېسىمۇ، دېمىسىمۇ بولىدىغان گەپ – سۆزلەر بىلەن ئورۇنسىز كۆڭۈل ئاغرىتىشىۋاتقانلار، ئازراقلا بىلىمى ئارقىلىق جاھاننىڭ پارىڭىنى قىلىدىغان بىلەرمەنلەر، ئۆزئارا يول قويۇشماي، ھە دېسىلا ئازارلىشىۋاتقانلارنى ئۇچرىتىمىز. گەرچە ئۇلاردا چىن كۆڭلىدىن قارشى تەرەپنى ئازابلاش، قارشى تەرەپنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىش، بىلەرمەنلىك قىلىۋېلىش، باشقىلارغا يول قويماسلىقتەك نىيەت بولمىسىمۇ، ئەمما يېنىكلىك بىلەن ئالدى – كەينىنى ئويلاشمايلا ئېغىزىدىن چىقىپ كەتكەن گەپ – سۆزلەر تۈپەيلىدىن باشقىلارنىڭ ھۆرمىتىدىن، ياخشى كۆرۈشىدىن ئايرىلىپ قالماقتا.
ئەجدادلاردىن قالغان ‹‹ پۇت يۈگۈرۈكى ئاشقا، ئېغىز يۈگۈرۈكى باشقا››، ‹‹ ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ ئويلاپ سۆزلە››، ‹‹ئاز سۆزلە، ساز سۆزلە›› دەيدىغان ماقال – تەمسىللىرىمىز بار. بۇ ماقال – تەمسىللەر بىزگە ئۆگىنىش، خىزمەت ۋە تۇرمۇشتا ئاز، ساز، يېقىشلىق، كەمتەرلىك بىلەن سۆزلىشىشىمىز كېرەكلىكىنى، باشقىلارنى ئارتۇقچە ماختاپ كۆتۈرۈپ ياكى ئازابلاپ، كەمسىتىپ، مەسخىرە قىلماسلىقىمىز كېرەكلىكىنى ئەسكەرتىدۇ، چوڭلارنىڭ ئالدىدا سۈكۈت قىلغاندا ئۇلاردىن تېخىمۇ كۆپ نەرسىلەرنى ئاڭلاپ، كۆرۈپ بىلىۋالغىلى بولىدۇ، ناداننىڭ، بىلەرمەننىڭ ئالدىدا سۈكۈت قىلغاندا ئارتۇقچە كۆڭۈل ئاغرىقىدىن ساقلانغىلى بولىدۇ. دېمەك كۆپ ئىشلاردا سۈكۈت قىلىشنى تاللىغاندا ئىشنىڭ ناچار تەرەپكە بۇرۇلۇپ كېتىشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى، باشقىلارنى ئورۇنسىز رەنجىتىپ قويۇشتىن ساقلانغىلى، ياخشى كىشىلىك مۇناسىۋەت ئورناتقىلى بولىدۇ.